ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
يىڭى نۇسخىدىكى خەلق پۇلى بۈگۈندىن باشلاپ تارقىتىلدى!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-31 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگۇ خەلق بانكىسى، بۈگۈندىن(8-ئاينىڭ 30-كۈنى) باشلاپ، 2019-يىللىق بەشىنچى يۈرۈش 50يۈەن، 20يۈەن، 10يۈەن، 1يۈەن قىممىتىدىكى قەغەز پۇلنى ۋە بىر يۈەن، بەش موچەن، بىر موچەنلىك تەڭگە پۇلنى بازارغا تارقاتقان. ئۇنداقتا، يىڭى نۇسخىدىكى خەلق پۇلىنىڭ زادى قانداق ئالاھىدە تەرەپلىرى بار؟ دىققىتىڭىز تۆۋەندىكىلەردە بولسۇن!
   2019-يىللىق بەشىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ سىرتقى شەكلى مۇنداق:
※ 2019-يىللىق بەشىنچى يۈرۈش 50يۈەن قىممىتىدىكى قەغەز پۇل(رەسىم مەركىزى خەلق بانكىسى تورىدىن ئېلىنغان)


※ 2019-يىللىق بەشىنچى يۈرۈش 20يۈەن قىممىتىدىكى قەغەز پۇل(رەسىم مەركىزى خەلق بانكىسى تورىدىن ئېلىنغان)


※ 2019-يىللىق بەشىنچى يۈرۈش 10يۈەن قىممىتىدىكى قەغەز پۇل(رەسىم مەركىزى خەلق بانكىسى تورىدىن ئېلىنغان)


※ 2019-يىللىق بەشىنچى يۈرۈش 1يۈەن قىممىتىدىكى قەغەز پۇل(رەسىم مەركىزى خەلق بانكىسى تورىدىن ئېلىنغان)


※ 2019-يىللىق بەشىنچى يۈرۈش بىر يۈەن قىممىتىدىكى تەڭگە پۇل(رەسىم مەركىزى خەلق بانكىسى تورىدىن ئېلىنغان)


※ 2019-يىللىق بەشىنچى يۈرۈش بەش موچەن قىممىتىدىكى تەڭگە پۇل(رەسىم مەركىزى خەلق بانكىسى تورىدىن ئېلىنغان)


※ 2019-يىللىق بەشىنچى يۈرۈش بىرموچەن قىممىتىدىكى تەڭگە پۇل(رەسىم مەركىزى خەلق بانكىسى تورىدىن ئېلىنغان)
   
يىڭى تېخنىكا قوشۇلغان بولۇپ، قەغەز پۇلنىڭ رەڭگى تېخىمۇ شوخ

   مەركىزى خەلق بانكىسىنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە، 2019-يىللىق بەشىنچى يۈرۈش 50يۈەن، 20يۈەن، 10يۈەن، 1يۈەن قىممىتىدىكى قەغەز پۇل، ئايرىم ئايرىم ھالدا 2005-يىللىق بەشىنچى يۈرۈش 50يۈەن، 20يۈەن، 10يۈەن قىممىتىدىكى قەغەز پۇل ۋە 1999-يىللىق بەشىنچى يۈرۈش 1يۈەن قىممىتىدىكى قەغەز پۇلنىڭ چوڭ كىچىكلىكى، ئاساسلىق رەسىم سۈرەت، ئاساسلىق رەڭ، "جۇڭگۇ خەلق بانكىسى" بانكا نامى، دۆلەت گىربى، ئەمالار يېزىقى پۇل قىممىتى بەلگىسى، خەنزۇچە پىنيىندا يېزىلغان تارقاتقان بانكا ئىسمى، مىللەتلەر يېزىقى قاتارلىق ئامىللارنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ قېلىپ، پۇل يۈزى رەڭگىنىڭ شوخلۇق ۋە يالتىراقلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ھەمدە پۇل يۈزى تۈزۈلۈش قاتلىمى ۋە ئۈنۈمىنى يەنە بىر قەدەم ئىچكىرلىگەن ھالدا ياخشىلىغان.
※ 50يۈەن قىممىتىدىكى قەغەز پۇلنىڭ يۈز قىسىم ئالاھىدىلىكىنىڭ سېلىشتۇرمىسى(رەسىم مەركىزى خەلق بانكىسى ئۈندىدار سالونىدىن ئېلىنغان)
   بۇندىن باشقا، 2019-يىللىق بەشىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى 50يۈەن، 20يۈەن، 10يۈەن، 1يۈەن قىممىتىدىكى قەغەز پۇلنىڭ ئوڭ يۈزىدىكى ماۋزېدۇڭ باش سۈرىتى، زىننەت نەقىش سىزىقچىلىرى، توغرا بېسىلغان نۇمۇر، كەينى يۈزىدىكى ئاساسلىق مەنزىرە قاتارلىقلارغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىپ، ئوڭ يۈزىنىڭ سول تەرىپىگە زىننەت سىزىقچىلىرى قوشۇلغان ھەمدە ئوڭ يۈزى ئوڭ تەرەپتىكى ئويما بېسىلغان قول سىزىم سىزىقى ۋە كەينى يۈزى ئوڭ تەرەپ ئاستى بۇرجەكتىكى قىسمەن رەسىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، پۇل يۈزىدىكى يىل نامى "2019-يىلى"غا ئۆزگەرتىلگەن.
   ساختىلىقتىن ساقلىنىشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتە، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە، ھازىر بازاردا ئېقىۋاتقان بەشىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ ئىچىدىكى قەغەز پۇلغا(2005-يىللىق 50يۈەن، 20يۈەن، 10يۈەن قىممىتىدىكى قەغەز پۇل، 1999-يىللىق 1يۈەن قىممىتىدىكى قەغەز پۇل)ئىشلىتىلگەن ساختىلىقتىن ساقلىنىش تېخىنىكىسى ئاساسىدا، 2019-يىللىق بەشىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى 50يۈەن، 20يۈەن، 10يۈەن قىممىتىدىكى قەغەز پۇلنىڭ ھەممىسىگە نۇردا چاقنايدىغان ھەم نۇردا ئۆزگىرىدىغان قەغەز پۇلنىڭ قىممىتىنى بىلدۈرىدىغان سانلىق رەقەم قوشۇلغان بولۇپ، بۇ، قەغەز پۇلنىڭ قىممىتىنى بىلدۈرىدىغان سانلىق رەقەمگە، نۇردا چاقناش ۋە نۇردا ئۆزگىرىش تېخنىكىسى(光彩光变技术) قوللىنىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
   دىققەت قىلىشقا ئەرزىيىدىغىنى شۇكى، 2015-يىللىق 100يۈەن قىممىتىدىكى قەغەز خەلق پۇلىدا قوللىنىلغان نۇردا ئۆزگىرىشچان تەشمە نەقىش دەرىزە بىخەتەرلىك سىزىقى، ماگنىتلىك پۈتۈن يۇشۇرۇلغان بىخەتەرلىك سىزىقى، تىك بېسىلغان نۇمۇر، ئاق سۇ باسما قاتارلىق ساختىلىقتىن ساقلىنىش تېخىنىكىلىرىنىڭ ھەممىسى، بۇ قېتىمدا تارقىتىلغان 50يۈەن، 20يۈەن، 10يۈەن قىممىتىدىكى قەغەز خەلق پۇلىغىمۇ قوللىنىلغان.
   بۇندىن باشقا، بۇ قېتىم يىڭى تارقىتىلغان خەلق پۇلىدا، ئىلگىرى تارقىتىلغان خەلق پۇللىرىدا قوللىنىلغان بەزىبىر ساختىلىقتىن ساقلىنىش تېخنىكىلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. مەسىلەن، 50يۈەن، 20يۈەن، 10يۈەن قىممىتىدىكى قەغەز خەلق پۇلىدا، پۈتۈن ماگنىتلىق دەرىزە بىخەتەرلىك سىزىقى ۋە ئويما باسما قول سىزىم سىزىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان؛ 50يۈەن قىممىتىدىكى قەغەز خەلق پۇلىدا، پۇلنىڭ قىممىتىنى بىلدۈرىدىغان نۇردا ئۆزگىرىشچان ماي باسما رەقەم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
   تەڭگە پۇل يۈزىدىكى سانلىق رەقەملەرنىڭ شەكلى تەڭشەلگەن ھەمدە بەش موچەن قىممىتىدىكى تەڭگە پۇلنىڭ رەڭگى سېرىقتىن ئاققا ئۆزگەرگەن.
   2019-يىللىق بەشىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى بىر يۈەن، بەش موچەن، بىر موچەن قىممىتىدىكى تەڭگە پۇل، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1999-يىللىق بەشىنچى يۈرۈش بىر يۈەن، بەش موچەن قىممىتىدىكى تەڭگە پۇل ۋە 2005-يىللىق بەشىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى بىر موچەن قىممىتىدىكى تەڭگە پۇلنىڭ سىرتقى شەكلى، سىرقى جىيەك ئالاھىدىلىكلىرى، "جۇڭگۇ خەلق بانكىسى" بانكا نامى، خەنزۇچە پىنيىندا يېزىلغان پۇل قىممىتىنى ئىپادىلەيدىغان سانلىق رەقەم، خەلق پۇلى بىرلىكى، گۈللۈك نەقىش، خەنزۇچە پىنيىندا بېسىلغان بانكا ئىسمى قاتارلىق ئامىللارنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ قېلىپ، ئوڭ يۈزىدىكى پۇل قىممىتىنى بىلدۈرىدىغان سانلىق رەقەمنىڭ شەكلىگە قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارغان ۋە كەينى يۈزىدىكى گۈللۈك نەقىشنى بەلگىلىك دەرىجىدە كىچىكلەتكەن.
   بۇنىڭ ئىچىدە، بىريۈەن قىممىتىدىكى تەڭگە پۇلنىڭ دىئامىتىرى، ئەسلىدىكى 25مىللىمىتىردىن ھازىرقى 22.25مىللىمىتىرغا تەڭشەلگەن. ئوڭ يۈزىدىكى پۇل قىممىتىنى بىلدۈرىدىغان سانلىق رەقەم "1"نىڭ ئەتراپ دائىرە سىزىقچىلىرى ئىچىگە يۇشۇرۇن رەسىم "" ۋە "1" قوشۇلۇپ، جىيەك قىسمىدا يۇمىلاق نوقتىلار كۆپەيتىلگەن. ماتىريالى ئۆزگەرتىلمىگەن.
   بىر موچەن قىممىتىدىكى تەڭگە پۇلنىڭ ئوڭ يۈزىنىڭ جىيەك قىسمىدا يۇمىلاق نوقتىلار كۆپەيتىلگەن؛ دىئامىتىرى ۋە ئىشلىتىگەن ماتىريالى ئۆزگەرتىلمىگەن.
   تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى، بەش موچەن قىممىتىدىكى تەڭگە پۇلنىڭ ماتىريالى، پولات ئۆزەكلىك مىس يالىتىلغان قېتىشمىدىن، پولات ئۆزەكلىك نىكىل يالىتىلغان ماتىريالغا ئالماشتۇرۇلغان، رەڭگى بولسا سېرىقتىن ئاققا ئۆزگەرگەن؛  ئوڭ ۋە كەينى يۈزىنىڭ ئىچكى ئايلانما جىيەك قىسمى ئەسلىدىكى يۇمىلاق چەمبەردىن كۆپ تەرەپلىكە ئۆزگەرتىلگەن؛ دىئامىتىرى ئۆزگەرتىلمىگەن.
※ يىڭى تارقىتىلغان بەش موچەن قىممىتىدىكى تەڭگە خەلق پۇلىنىڭ ئالاھىدىلىكى(رەسىم مەركىزى خەلق بانكىسى ئۈندىدار سالونىدىن ئېلىنغان)
   ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، بەش موچەن قىممىتىدىكى تەڭگە خەلق پۇلىنىڭ رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئىشلىتىگەن ماتىريالنىڭ مىس يالىتىلغان قېتىشمىدىن نىكىل يالىتىلغان ماتىريالغا ئالماشتۇرۇلغانلىقى سەۋەبىدىن ئىكەن. بۇندىن ئىلگىرى مەركىزى خەلق بانكىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تەڭگە پۇلنىڭ ماتىريالى مىس يالىتىلغان قېتىشمىدىن نىكىل يالىتىلغان ماتىريالغا ئالماشتۇرۇلسا، تەڭگە پۇلنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ كىتىشكە قارشى تۇرۇشچانلىقى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن؛ بۇندىن باشقا، ئىلگىرى ئىشلىتىلگەن پولات ئۆزەكلىك مىس يالىتىلغان قېتىشما ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، دۆلەتنىڭ كەسىپ  سىياسىتىگە ئاساسەن شاللاپ قالدۇرۇش پىلانلانغان تېخنىكا بولغاچقا، بۇ قېتىم يىڭى تارقىتىلغان تەڭگە پۇلغا ئىشلىتىلمىگەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号