ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
جاڭ ئەيلىڭنىڭ ئاياللارغا قىلغان كۆڭۈل سۆزلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-14 كۆرۈلىشى : قېتىم
   1. تىچ خاتىرجەم ئۆتىۋاتقان كۈنلەردە، ئۆزىڭىزگە ئازراق بوشلۇق قالدۇرۇڭ، قارشى تەرەپكىمۇ ئازراق بوشلۇق قالدۇرۇڭ؛ بۇ ئارقىلىق، ئارىلىققا ئازراق گۈزەللىك قالدۇرۇڭ.
   2. سىزنىڭ شارائىتىڭىزنىڭ قانچىلىك ناچار بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ھامان بار بولىدۇ؛ ئوخشاشلا، شارائىتىڭىزنىڭ قانچىلىك ياخشى بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەممۇ ھامان بار بولىدۇ.
   3. كۆز ئالدىڭىزدىكى بۇ ئەركىشى ھەرقانچە ياخشى، ھەممىلا يىرى ئارتۇقچىلىق بولسىمۇ، ئەگەر ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمىسە، ئۇنىڭدىكى مۇشۇ بىر يىتەرسىزلىكنىلا سىز مەڭگۈ ئۆزگەرتەلمەيسىز.
   4. ئاياللار ئۆزىنى ئۆزى سۈيۈشى كىرەك؛ سىز مەيلى قانچىلىك چوڭقۇر ئازاپ ياكى قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان بولماڭ ۋە ياكى سىز ئۇچرىغان ئەھۋال قانچىلىك ھەسرەتلىك بولسۇن، سىز ئەگەر بۇنى باھانە قىلىپ چۈشكۈنلىشىپ كەتسىڭىز، ئۇ يەنىلا چۈشكۈنلەشكەنگە تەۋە، سەۋەپ بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. سىز ئۆزىڭىزنى قانچە ئاسرىمىغانسىرى ۋە سۆيمىگەنسىرى، سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم تېخىمۇ بولمايدۇ.
   5. بىرەر ئادەمنى ئۆزگەرتىمەن دەپ خام خىيال قىلماڭ، چۈنكى ھېچكىم ھېچكىمنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ؛ پەقەت ئۇنىڭ سىز ئۈچۈن ئۆزگىرىشنى خالىشى ياكى خالىماسلىقىلا بار.
   6. بىر ئادەمنىڭ ئەگەر بوش ۋاقتى بولمىسا، بۇ ئۇنىڭ بوش ۋاقتى بار بولۇشنى خالىمىغانلىقىدىن بولىدۇ؛ بىر ئادەم ئەگەر ئىشتىن بوشىنالمىسا، بۇ ئۇنىڭ ئىشتىن بوشىنىپ كىتىپ قېلىشنى خالىمىغانلىقىدىن بولىدۇ؛ بىر ئادەمنىڭ ئەگەر سىزگە كۆرسىتىدىغان باھانىسى كۆپ بولسا، بۇ ئۇنىڭ سىزگە پەرۋا قىلغۇسى كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
   7. ھەرقانچە چىرايلىق ياسىنىڭ ياكى ھەرقانچە قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيىۋىلىڭ، ئۇ پەقەت بىر سىرتقا كۆرسىتىلگەن نىقاپ خالاس؛ ئاق كۆڭۈللۈكتىن ياسالغان سىرتقى كىيىم، ئاندىن ئەڭ گۈزەلدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号