ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ھورۇنلارغا ماس كېلىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك يەتتە خىل چارە
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : jadi ۋاقتى : 2019-11-11كۆرۈلىشى : قېتىم

ئىزچىل بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق ھەم بەدەنگە زىيانسىز ئورۇقلاش چارىسى بارمۇ؟

ئەلۋەتتە بار، بىز سىزدەك ھورۇنلارغا ماس كېلىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىدىن يەتتە خىلنى ئېيتىپ بېرەيلى! بەلكىم سىزگە ماس كېلىشى مۇمكىن...

 

                                                                                                                        

 

1، تەرخەمەك ھەم تۇخۇم يىيىش چارىسى

 

ھەر ۋاق تاماقنىڭ ئورنىدا تەرخەمەك  بىلەن تۇخۇم يىيىش، ھەم بۇنى يەتتە كۈن داۋاملاشتۇرۇش، بۇ ماي سېرىشتىكى ئەڭ ياخشى ئامال، بىراق ۋاقتى كەلگەندە ئاچچىق چۈچۈك مايلىق تاماقلارنى سېغىنىپ  كېتىشىڭىز مۇمكىن.

 

ئەسلى ماتىرىيال:

تەرخەمەك چۈرۈك ھەم سۇلۇق، يىيىشلىك، ئۇنىڭ تەركىبىدە يېلىم ماددىسى ، مېۋە كىسلاتاسى ۋە بىيولوگىيەلىك ئاكتىپ ئېنزىم بولۇپ ، ئورگانىزمنىڭ مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئاپتاپتا كۆيۈپ زەخىملىنىش ، سەپكۈن ۋە تېرىنىڭ زىيادە سېزىمچانلىقىنى داۋالايدۇ . تەرخەمەك يەنە ئىسسىقنى قايتۇرۇپ ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . يېڭى تەرخەمەك تەركىبىدىكى تارترونىك كىسلاتا قەنت تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ ياغقا ئايلىنىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەيدۇ ، شۇڭا تەرخەمەكنى دائىم ئىستېمال قىلىش ئورۇقلاش ۋە تاجىسىمان يۈرەك كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. تۇخۇم بىلەن ئارلاشتۇرۇپ قورۇپ يىگەندە تۇيۇنۇش سېزىمى پەيدا قېلىدۇ.

2، چۈشتىن كېيىن تاماقلانماسلىق چارىسى

چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن كېيىن ھېچنىمە يىمەيمىز، ئەلۋەتتە يىيىشكە بولىدىغان ۋاقىتتىمۇ بالا-قازادەك يىيىشكە بولمايدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندا ھەپتىسىگە نەچچە كىلو ئورۇقلىغىلى بولىدۇ.

ئىلمىي ئاساسى:

كېچىدە ئارام ئالغاندا ئادەم تېنىدىكى ئېنىرگىيەنىڭ خوراش نىسبىتى تۈۋەن بولىدۇ، نورمىدىن ئارتۇق قۇبۇل قىلىنغان ئىنىرگىيە ئاسانلا ماي قاتلىمى ھاسىل قىلىپ، سەمىرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ چارىنى قوللانغاندا، ناشتىلىق ھەم چۈشلۈك تاماقتا ياخشى يىيىش ھەم تويۇپ يىيىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، بىر كۈنلۈك كېرەكلىك ئوزۇقلۇقنى تولۇقلاشقا تىرىشىش كېرەك!

 

ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى: ناۋادا قورساق بەك ئېچىپ كەتسە، كۆپىرەك سۇ ئىچىپ بېرىش ھەمدە بىر تال ئالما يىيىش كېرەك!

 

3، ئاساسلىق يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك چارىسى

 

كۈنلۈك ئاساسلىق يىمەكلىكلەرنى ئاز يىيىش، پۇرچاق سۈتىنى ئۈچ ۋاقلىق تاماقنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇش لازىم، قىزلار پۇرچاق سۈتىنى كۆپ ئىچىپ بەرسە پايدىسى كۆپ بولىدۇ. بىراق شىكەرسىز بولۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك-ھە! ئەڭ ياخشىسى ئۆزىمىز پۇرچاق سۈتى چىقىرىش ماشىنىسى ھازىرلاپ، ھەر كۈنى ئۆزىمىز پۇرچاق سۈتى ياساپ ئىچىپ بەرسەك، قولايلىق ھەم ئەرزان بولىدۇ.

 

ئىلمىي ئاساسى:

پۇرچاق سۈتى تەركىبىدە يۇقىرى سۈپەتلىك ئۆسۈملۈك ئاقسىلى مول بولغان سېرىق پۇرچاقتىن باشقا ، يەنە كۆپ مىقداردا سېرىق پۇرچاق ئىزوفلاۋون ( I s o f l a v o n e ) ، سېرىق پۇرچاقتىن تەييارلانغان بىرىكمە ( S a p o n ) قاتارلىق تەركىبلەر بار . بۇ تەركىبلەر بەدەندىكى ياغلارنىڭ سۈمۈرۈلىشنى تىزگىنلەپ ، بەدەندىكى ياغلارنى كۆيدۈرىدۇ . شۇڭا ، پۇرچاق سۈتى ئىچكەن ۋاقىتتىن باشلاپ ، ھەزىم قىلىش ← قوبۇل قىلىش ← ماينى كۆيدۈرۈشتىن ئىبارەت باسقۇچلار جەريانىدا ئورۇقلاش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.

 

4، ئالما بىلەن ئورۇقلاش چارىسى

 

ئىككى كۈن ئالما يىگەندىن كېيىن، ئۆزىمىزنى تۇتىۋالغان ئاساستا ئۈچ كۈن نورمال تاماقلىنىمىز، مۇشۇنداق نەچچە ھەپتە داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، يامان ئەمەس ئۈنۈم ھاسىل بولىدۇ.

ئىلمىي ئاساسى:

سېمىزلەر ئادەتتە ھەدىدىن زىيادە بەك تويۇنۇپ تاماقلانغاچقا، ئاشقازىنى كېڭىيىپ كېتىپ، ئىشتىھاسىنى باشقۇرالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئالما بىلەن ئوزۇقلانغاندا، ئاشقازان تارىيىپ، ئىشتىھانى كونتۇرۇل قىلغىلى بولىدۇ. تەم سېزىمىمۇ نورماللىشىپ، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە  مايلىق يىمەكلىكلەرنى ئىزدەپ يىيىشتىن ئۆزىنى تارتقىلى بولىدۇ. ئالما قاندىكى ئاق قان دانچىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچى ۋە كۈچىنى ئاشۇرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، نېرۋا ۋە ئىچكى ئاجراتما ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ھۆسىن تۈزەشكە پايدىلىق .

ئالما يەپ ئورۇقلىغاندا ئاچ قالمايمىز، قورساق ئاچسىلا ئالما يىسەك بولىدۇ

ئۇ ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن يېمەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، مەيلى قانچىلىك يېسەكمۇ ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا قوبۇل قىلىشقا تىگىشلىك  ئىسسىقلىقتىن كۆپ بولمايدۇ ، شۇڭا بەدەن ئېغىرلىقى تەبىئىي ھالدا تۆۋەنلەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، تېرە قۇرغاقلىشىش ، زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى ، قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ياخشىلايدۇ 

 

5. نېلۇپەر يوپۇرمىقىدىن پايدىلىنىپ ئورۇقلاش ئۇسۇلى

نېلۇپەر يوپۇرمىقى ، پونۇس ئۇرۇقى ، چۈچۈكبۇيا،  لىمۇن ياپراقچىىسى قاتارلىقلارنى شورپا قىلىپ، ئىككى ھەپتە ئىزچىل ئىچىپ بەرسەك ئۈنۈمىنى كۆرىمىز، ،مىقدارىنى ئەھۋالىمىزغا قاراپ تەڭشىسەك بولىدۇ. تازلىق ئۆيىگە كىرىش قېتىم سانىمىز جىقلاپ كېتىشى مۇمكىن.

ئىلمىي ئاساسى:

جۇڭگودا  قەدىمدىن تارتىپ نېلۇپەر يوپۇرمىقىنى ئورۇقلىتىشنىڭ ياخشى دورىسى دەپ قاراپ كەلگەن . چۈنكى نېلۇپەرنىڭ يىلتىزى ( نېلۇپەر ) ۋە يوپۇرمىقى نوقۇل ھالدا سۈيدۈكنى ھەم تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە .

6. ئاچچىق كاۋا يەپ ئورۇقلاش ئۇسۇلى

بۇ قالتىس ئامال، قانچىلىك يىسىڭىز بولىۋىرىدۇ، ھەتتا كېچىلىك تاماق يىسىڭىزمۇ مەيلى، پەقەت كۈنىگە ئۈچ تال ئاچچىق كاۋا يىيىشكە كاپالەتلىك قىلسىڭىزلا بولىدۇ، بىر ھەپتىدە ئىككى كىلو ئەتىراپىدا ئورۇقلىيالايسىز. يامان يېرى شۇ يۇيۇپلا خام يەيسىز، گەرچە سەل تەس بولسىمۇ، بىراق زەھەر تازلاش رولى ناھايىتى ياخشى بولغان بىر نەرسە، قانچە ئاچچىقنى تاللاپ يىگەنسېرى نىشانغا يەتمىكىڭىز شۇنچە تىز بولىدۇ.

ئىلمىي ئاساسى:

  پىرىنسىپى : ئاچچىق كاۋا تەركىبىدە بىر خىل بىئولوگىيىلىك ئاكتىپلىققا ئىگە يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك ئالبۇمىن بولۇپ ، بۇ خىل ماددا پەقەت ئادەم بەدىنىنىڭ ماينى سۈمۈرىدىغان مۇھىم ئورۇن بولغان ئىنچىكە ئۈچەيگىلا تەسىر كۆرسىتىپ ، ئۈچەي ھۈجەيرە تورىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ، ماي ، پولىساخارىد قاتارلىق ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەلىك چوڭ مولېكۇلىلىق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ ، لېكىن ۋىتامىن ، مىنېرال ماددا قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ .

بۇ خىل « ياغ قاتىلى » دەپ ئاتالغان  ئالاھىدە ئۈنۈملۈك تەركىب، قوبۇل قىلغان ماي ۋە پولىساخارىدنى % 40 - % 60 ئازايتالايدۇ .

7، سۇ ئىچىپ ئورۇقلاش چارىسى             

تاماقنى ئاز يەڭ، تاماق يىگەن ۋاقىتتا يانغا بىر چىنە ئىلمان سۇ قويۇپ قويۇپ، يىمەكلىكلەرنى سۇدىن ئۆتكۈزۈپ يەڭ، بۇنىڭ ئۈنىمىمۇ ئالاھىدە ياخشى.

ئىلمىي ئاساسى:

سەھەردىكى ناشتىلىقنىڭ ئالدىدا بىر ئىستاكان قايناقسۇ ياكى، ھەسەل سۈيى ۋە ياكى سېلليۇلوزا قوشۇلغان سۇ ئىچىپ بېرىڭ، بۇنىڭدا ئاشقازان –ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى تىزلىشىپ، كېچىدىن تېنىمىزدە يىغىلىپ قالغان ئەخلەت مىتابولىزىملارنىڭ چىقىپ كېتىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، قورساقنىڭ يۇغۇناش پۇرسىتى ئازىيىدۇ.

تاماقتىن بۇرۇن سۇ ئىچىپ ئىشتىھانى يىغىش:

نۇرغۇن ئادەم سېمىز ھېساپلانمىسىمۇ، بىراق تاماقتىن كېيىن ئاشقازىنى چىقىپ قالىدۇ، تاماق يىمىگەن تەغدىردىمۇ بۇ كىچىك قورساق تومپىيىپ چىقىۋىلىپ،  ئىچىگە تارتىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.

چۈشتىن كېيىن سۇ ئىچىپ گۆشنى ئازايتىش :

 سېمىزلىكنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىپادىلىنىش شەكلى گۆش ، بۇ ئۇزۇن ئولتۇرۇش ، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەردىن كېلىپ چىققان ، چۈشتىن كېيىنلىك چاي ۋاقتىدا بولسا ، ئادەم ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا كەيپىيات سەۋەبىدىن ئىشتىھاسى ئېچىلىپ كېتىدۇ.  ئەلۋەتتە بۇنىڭ بەدىلى ئارتۇق گۆشلەرنى ئۈندۈرۋىلىشتۇر.  شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ۋاقىتتا بىر ئىستاكان گۈل –گىياھ چېيى ئىچىش ئارقىلىق بۇ خىل ناچچار كەيپىياتنى يوقۇتۇپ يىمەكلىككە بولغان ئارزۇنى بىسىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا گۈل-گىياھ چايلىرى ئىشتىھانى تىزگىنلەپ، كەچتىكى يەتتە ئۆلۈش تويۇنۇش پىلانىمىزغا ئاساس سېلىپ بېرىدۇ.

  ئىللىق ئەسكەتىش:

يۇقارقى چارىلەر تىز سۈرئەتتە ئورۇقلاشنى ئارزۇ قىلىدىغان گۈزەللەرگە ماس كېلىدۇ، ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرغاندا، ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك كېلىپ چىقىپ، سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى ئويلۇنۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن سىناڭ، ناۋادا ماس كەلمىگۈدەك بولسا دەرھال توختۇتۇپ قويۇڭ!

ئورۇقلاش ئۇزۇن مەزگىللىك تىرىشچانلىق تەلەپ قىلىدىغان پىلان. ئاز يەپ كۆپ ھەركەت قىلىش ئاساسىدا ئورۇقلىغاندا ساغلام ھالدا نىشانىمىزغا يىتەلەيمىز.

 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号