
ئۆيىدە دوخوپكا بار بولغان دوستلار بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان بۇ خىل توخۇ كاۋىپىنى ھەرگىز ئۆتكۈزۈۋەتمەڭلار!
چۈچۈك ھەم تەملىك توخۇ كاۋىپى
ئاساسلىق ماتىريال:
پارچىلانمىغان بىر پۈتۈن توخۇ گۆشى، سوقۇلغان قىزىلمۇچ، سامساق
تېتىتقۇ ماتىريالى:
يىمەكلىك مېيى، شىڭچۇ جىياڭيۇسى، تېتىتقۇ ھارىقى، پەمىدۇر قىيامى، قارامۇچ

-Step 1-
ئالدى بىلەن تەم كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قىيام تەييارلىۋالىمىز؛ چىنىگە 15گىرام ئەتراپىدا سوقۇلغان قىزىلمۇچ ۋە سوقۇلغان سامساق سالىمىز.
كەينىدىن يەنە تۆت قوشۇق شېڭچۇ جىياڭيۇسى، ئىككى قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى ۋە بىر قوشۇق پەمىدۇر قىيامى قوشىمىز؛ ھەمدە تەكشى ئارلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش ئۈچۈن تەييار قىلىپ قويىمىز.
-Step 2-
توخۇنى قولىمىزدا بېسىپ تۈز ھالەتكە ئەكىلىمىز.

تەم كىرىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، ئارىدا ياكى باشقا ئۇچلۇق نەرسىدە توخ گۆشىنىڭ سىرتقى يۈزلىرىگە تۆشۈك تىشىپ قويىمىز.

توخۇنى يىڭى ساقلاش پىلاستىر خالتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ، كەيندىن ئالدىدا تەييارلانغان قىيامنىمۇ پىلاستىر خالتىنىڭ ئىچىگە تۆكۈپ، توخۇ گۆشىنىڭ ھەممە يەرلىرىگە سۇۋايمىز؛ ئاخىرىدا پىلاستىر خالتىنىڭ ئىچىدىكى ھاۋانى چىقىرۋىتىپ، خالتىنىڭ ئېغىزىنى چىڭ چىگىپ توڭلاتقۇغا سېلىپ 4 سائەتتىن ئارتۇق ساقلايمىز.
-Step 3-
ۋاقىت توشقاندىن كىيىن، توخۇ گۆشىنى توڭلاتقۇدىن ئېلىپ، يۈزىگە تەكشى بىر قەۋەت ماي سۇۋىغاندىن كىيىن، دوخوپكىغا سالىمىز؛ دوخوپكىغا سالغاندىن كىيىن، تۇنجى قېتىم دوخۇپكا قىزىقلىقىنى 160گىرادوسقا تەڭشەپ 25 مىنوت قاقلاپ پىشۇرىمىز؛ ئەگەر تەييار قىلغان توخۇ نىسبەتەن چوڭراق بولۇپ قالسا، بۇ ۋاقىتنى يەنە 10 مىنۇت ئۇزارتىشقا توغرا كىلىدۇ.
-Step 4-
25 مىنۇت توشقاندىن كىيىن، دوخوپكا قىزىقلىقىنى 180 گىرادوسقا ئېچىقىپ يەنە 10 مىنۇت قويىمىز.

ۋاقىت توشقاندىن كىيىن دوخوپكىدىن ئېلىپ، ئۈستىگە ئازراق قارىمۇچ چېچىۋەتسەك، بۈگۈنكى بۇ توخۇ كاۋىپى تەييار بولغان بولىدۇ.
بۇ خىل توخۇ كاۋىپىنى تەييارلاش ناھايىتى ئاددى بولۇپ، قىيامغا چىلاپ توڭلاتقۇدا ساقلىغان ۋاقتىمىز قانچە ئۇزۇن بولسا، شۇنچە تەم كىرىدۇ؛ يىگەن ۋاقىتتا، كۆكتاپ ۋە مىۋىلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇپ يىسەك تېخىمۇ ياخشى.


زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گېزىتى"نىڭ 20-نويابىردىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، بىر ئايالنىڭ سەككىز تال پادىچىلار ئىشتىنى ئوغرىلاپ نەخ مەيداندا تۇتۇلۇپ قالغاندىكى سۈ

ئادەتتە ئاياللار، ئەرلەرنىڭ ئۇلارنىڭ تۆۋەندىكى بەش يىرىنى سىيلاشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ئەگەر ئىھتىياتسىزلىقتىن ئايالىڭىزنىڭ ياكى قىز دوستىڭىزنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ ق

ئۇلار كىچىكىدىن بىرگە چوڭ بولۇپلا قالماي، ئۇلار ھەتتا ئايرىم-ئايرىم توي قىلىپ بالىلىق بولغاندىن كىيىنمۇ، ئىككەيلەن بىرلىكتە ئۆز-ئارا خوشنا كەلگەن ئىككى ئۆينى سېت

سىز ئىلگىرىكى ئوغۇل(قىز) دوستىڭىزنى سىزدىن ئايرىلىپ كەتكىنىگە پۇشايمان قىلدۇرماقچى بولغان ۋاقتىڭىزدا، بۇ، ئەگەر قارشى تەرەپ خالىغانچە بىرەر ئىش قىلسا، سىزنىڭ ئۇن

بەزى كىشىلەرنىڭ بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى تەسكە توختايدۇ، بىراق ئەگەر بىرەرسىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈپ قالسا، ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر مۇھەببى

كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىچىك بوۋاقلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئوماق كۆرۈنىدۇ. بىراق دۇنيادا شۇنداق بىر رەسسام بار؛ ئۇنىڭ خىرىدارلىرى كۆپىنچىس

بالىلاردىكى يۇتقۇنچاقتىن تەتۈر يېنىش كىسەللىكى، كىلىنكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كىسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئالامەتلىرى بولسا، بالىلار ئىختىيارسىز ھالدا گېلىنى قىر

ھەرقانداق بىر قىزبالا، ئكزىنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقىتىدا توي كىيىمى كىيىپ، ئۆمرىدىكى ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە ياتلىق بولۇشنى ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر چوڭقۇر مۇھەببە

بۇ بازاردا، %10تىن ئارتۇق ئايال قوشكىزەككە ھامىلدار بولىدىغان بولۇپ، بۇ يەردە بالىلارنىڭ قوشكىزەك تۇغۇلۇش نىسبىتى، دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋيىسىنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغر
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号