خام ماتىرياللار: تۆت چىنە ئاق ئۇن، 5 جىڭ سۇ ماي، سۇ

خۇرۇچلار:تۇز،ياغ،كۈنجۇت

تەييارلاش ئۇسۇلى
1. ئالدى بىلەن پىيازنى نېپىز يالپاقلاپ توغراپ، كاۋاۋىچىن بىلەن قوشۇپ تەمى چىققۇچە قاينىتىپ، ئاخىرىدا سۈزۈلدۈرۈپ سوۋۇتىمىز، بىر چىنە سۇ ماينى قىزىتىپ چۈچۈتۈپ ئۇنىمۇ سوۋۇتىمىز.
2. ئاق ئۇنغا تېتىغۇدەك تۇز سېلىپ ۋە سوۋۇتۇلغان سۇ ماينى قۇيۇپ (تۆت چىنە ئۇنغا بىر چىنە ماي قۇيۇلسا بولىدۇ)، سوۋۇتۇلغان كاۋاۋىچىن سۈيى بىلەن چىڭراق خېمىر يۇغۇرىمىز؛ يېرىم سائەت تۇرغۇزۇپ ئالما چوڭلۇقىدا ئۈزۈپ يۇمۇلاقلاپ، ھەر بىر زۇۋۇلىنى مايلاپ يەنە 15 - 20 مىنۇت تىندۇرىمىز.
3. ئاندىن قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىتىمىز؛ تىنغان زۇۋۇلىنى ئىنچىكە ئىشىپ پىلتە قىلغاندىن كېيىن، ئىككى تال چوكىغا ئېلىپ، 7-8 ئۈلۈش قىزىتىلغان ياغدا ئاۋايلاپ پۇشۇرىمىز.


ئەسكەرتىش
1. ساڭزىنى پىشۇرۇشتا خېمىرنىڭ چوكىغا چاپلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خېمىرنىڭ چوكىغا ئېلىنىپ تۇرغان ئىككى تەرىپىنى نۆۋەت بىلەن ياغقا بىر قېتىمدىن شۇڭغۇتۇپ سەل قاتۇرۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن بىر بېشىنى ئوڭغا، بىر بېشىنى سولغا قايرىپ قىڭغىر قاتلاپ ياغقا سېلىۋېتىپ، چوكىنى تارتىپ ئېلىۋالساق بولىدۇ.
2. ساڭزا سەل سارغايغاندىلا ئالساق بۇلىدۇ، پىشقان ساڭزىنى ئىسسىق ۋاقتىدىلا لېگەنگە بىر - بىرىگە يېرىم چىشلىتىپ يانتۇ تىزىپ تۇرۇش كېرەك.
3. ساڭزا سېلىشتا ئوت كۈچىگە دىققەت قىلىش لازىم؛ ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى تۆۋەن بۇلۇپ قالسا، ساڭزا چېچەكلىمەي سىدام بۇلۇپ قالىدۇ، يۇقىرى بۇلۇپ كەتسە ساڭزىنىڭ ئىچى خام، تېشى كۆيۈك چىقىدۇ (ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى بىلىش ئۈچۈن ساڭزا خېمىرىدىن بىر-ئىككى قۇيماق سېلىپ كۈرۈش لازىم، ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى تەڭشەلگەن بولسا، قۇيماق چېچەكلەپ تەكشى پىشىدۇ).
ئالاھىدىلىگى
شەكلى كۆركەم، چۈرۈك ھەم مەززىلىك بولغان ئەنئەنىۋىي گېزەكلەرنىڭ بىر خىلى بۇلۇپ، كۆپرەك ھېيت-بايراملاردا داستىخانغا قويۇلىدۇ. رەڭگى سېرىق، تەملىك، چۈرۈك؛ ھېيتلىق داستىخېنىڭىزنىڭ گۈلتاجىسى بولالايدۇ
تەبىئىتى
قۇرۇق ئىسسىق

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

بەزىلەر، ياش ۋاقتىدا زىيادە ياخشى ئادەمگە ئۇچرىماسلىق كىرەك، بولمىسا بىر ئۆمۈر تىنچىلىنالمايدۇ دەپ ئېيتىدۇ. چۈنكى، بەك بالدۇر ئۇچراتقاندا، ياخشى كۆرىشى چوڭقۇر بو

تۇخۇمنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى. نۇرغۇن كىشىلەر تۇخۇم ئسىتىمال قىلىشنىڭ پايدىسىنى ۋە كۈندە ئاز دىگەندە بىر تال تۇخۇم يىيىش كىرەكلىكىنى بىلىدۇ. بىراق، تۇ

ھەرقانداق بىر ئائىلىگە يىڭى بوۋاق قوشۇلغاندىن كىيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرى بوۋاقنىڭ تىزراق ئۆسۈپ چوڭىيىشىنى ئۈمىد قىلىپ، بوۋاققا ھەر جەھەتلەردىن ئىنچىكىلىك بىلەن

بەزى بوۋاقلارنىڭ تىنى ئاجىز بولۇپ، ھاۋا ئازراق سۇۋۇپلا قالسا قىزىپ زۇكامداپ قالىدۇ؛ ئەمما دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتسە، بالىدا چوڭ مەسلە يوق، پەقەت ئىممونت

ئادەتتە، ھەربىر بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا، گۇگۇم ۋاقتىدا خاپا قىلىدىغان بىر مەزگىلى بولۇپ، بۇ بىر خىل نورمال فىزىلوگىيىلىك ھادىسىدۇر؛ ئاتا-ئانا بولغۇچىلا

يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تۇغۇت كۈتۈنىشى ياخشى بولمىسا، كىيىلىك تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تۇغۇ

نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەمىشە ئېغىزى قۇرۇپ ئۇسساپ كىتىدۇ؛ لىكىن بەزى ھامىلدار ئاياللار، كىچىك تەرەت قىستاپ قېلىشنى ئاۋارىچىلىق كۆرۈپ

سۇغۇق سۇدا پۇت يۇيۇش ساغلاملىققا زىيانلىق. ياز كۈنى ئاچچىق تەملىك يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش بولسا ساغلاملىققا پايدىلىق.

ئۇزۇن مەزگىل ئەتىگەنلىك ناشتا قىلماي ئادەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈپ كىتىش خەتىرى، %87 ئېشىپ كىتىدۇ.
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号